تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىنى ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 12:35:44

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىنغا تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›نى خەۋەر قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ تورى يۇغۇرۇلما تاراتقۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ «ئىككى يىغىن» ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىپ، قىزىق نۇقتا، يارقىن نۇقتىلارغا بىۋاستە چۈشەنچە بېرىپ، ۋەكىللەر ۋەئەزالارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

10-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن «تەڭرىتاغ تورى‹ئىككى يىغىن› يېڭى تاراتقۇمۇلازىمەت مەركىزى»گە كېلىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدەبىرىكتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەڭرىتاغ تورى قارىمىقىدىكى «شىنجاڭ يانفون گېزىتى»، تەڭرىتاغ تورى خەۋەر تېرمىنالى، تەڭرىتاغ تورى ئۈندىدارى، «تەڭرىتاغ تورى تېز گېزىتى» (ئۇيغۇرچە)، تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچەخەۋەر تېرمىنالىقاتارلىق مەھسۇلاتلارۋەتەڭرىتاغ تورى مەخسۇس سەھىپىسى ئارقىلىقكۆپ مەنبەلىك ھەرىكەتچانقاناللار بىلەن بىرلىكتە تېز، ئېنىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنىكۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن يېڭى تاراتقۇغائىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەرلىرىنى دائىم دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمەن. سىلەر ئىنتايىن ياخشى ئىشلەپسىلەر، جاپا چەكتىڭلار!». ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن يانفونىنى چىقىرىپ تەڭرىتاغ تورى خەۋەرتېرمىنالىنى ئېچىپ خىزمەتچى خادىملارغا:مېنىڭ يانفونىمدىمۇ تەڭرىتاغ تورى تېرمىنالى بار، مەندائىم كۆرۈپ تۇرىمەن، دېدى.

نەق مەيداندا نەيىم ياسىن يەنە تەڭرىتاغ تورىنىڭئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئېنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە تىللاردىكى ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىلىرىنى كۆرۈپ،تەڭرىتاغ تورىنىڭ كۆپ تىل،كۆپ شەكىلدە خەۋەرلەرنى تارقاتقانلىقىنى ماختىدىھەمدە نەق مەيداندىكىخىزمەتچى خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ،ئۇلارغا مەدەت بەردى.

9-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن «تەڭرىتاغ تورى‹ئىككى يىغىن ›يېڭى تاراتقۇمۇلازىمەت مەركىزى»نى كۆزدىن كەچۈردى. تەڭرىتاغ تورى خىزمەتچىلىرىشاۋكەت ئىمىنغا «باش نىشاننى چۆرىدەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى كۆرسەتتى ھەمدەتەڭرىتاغ تورىنىڭ بەش جوڭ سۇپىسى، ئالتە خىلتىلدىكى مەخسۇس سەھىپە بېتى، نەق مەيدان كۆرگەزمە ئورنى، سۈرەت، يېزىق، ۋىدىيو، بىۋاستە تارقىتىش،H5 مىكرو ژۇرنال، سۈرەتلىكچۈشەندۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەرئارقىلىق شىنجاڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى تارقاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

شاۋكەت ئىمىن تەڭرىتاغ تورى ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى بىلەن بىرلىكتە تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ، يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە تەڭرىتاغ تورىنى تەۋسىيە قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتان 9-يانۋار «تەڭرىتاغ تورى‹ئىككى يىغىن› يېڭى تاراتقۇمۇلازىمەت مەركىزى»گە كېلىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنجاڭ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس سەھىپىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياخشى باھالارنى بەردى.

بۇنۆۋەتلىك «ئىككى يىغىن» ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغانئىككى يىغىن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، 9-قېتىملىقپارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم يىغىن. تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى تارقىتىشتا«تور تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، نوپۇزلۇق، يېقىملىق ئاۋازنى تارقىتىش»ئومۇمىي تەلىپىبويىچە،خەۋەرلەرنىڭ توغرا، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ھەر قايسى سۇپىلىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە، تۈركچە قاتارلىقئالتە خىل تىلدا نوپۇزلۇق ئۇچۇر تارقىتىپ، تەكلىپ-لايىھە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرىنى ئىز قوغلاپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ ئىككى يىغىن ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىغا قولايلىقياراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يانفونىدىكى تەڭرىتاغ تورى خەۋەر تېرمىنالىنى كۆرسەتمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋىدىيوسىنى كۆرمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىجات سۇلتانغا تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنجاڭ ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ئەھۋالنى تونۇشتۇرماقتا.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有