ئۇيغۇر قىزى ئۆزى لايىھىلەپ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مودا كىيىملەر يەرمەنكىدە ئالقىشقا ئېرىشتى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 11:51:18

باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

2017-يىلى 7-يانۋار، شىنجاڭ ئىشەنچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار مەھسۇلات ئېلان قىلىش، سودا ئالماشتۇرۇش كارۋانلار يەرمەنكىسى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياش رىياسەتچىلىرىمىزدىن ئابدۇخەبەر بىلەن رازىيە ئابلىز رىياسەتچىلىك قىلدى.

5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار مەھسۇلات ئېلان قىلىش، سودا ئالماشتۇرۇش كارۋانلار يەرمەنكىسىگە تۈركىيەدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر قىزى مەدىنە باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ Medine butik كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، يەرمەنكە داۋامىدا Medine butik شىركىتى لېنتا كېسىش مۇراسىمى ۋە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى لايىھەلەپ، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان مودا كىيىم-كېچەكلىرىنى خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە، مۇكەممەللىككە بولغان ئىنتىلىشى بارغانچە كۈچەيدى. شۇ سەۋەبلىك كىشىلەر كىيىم-كېچەككە كۈنسېرى ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ۋە تۈركىيە كىيىملىرى دىيارىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇ تۈپەيلى تەبىئىيلا كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلىق ياۋروپا، تۈركىيە كىيىملىرى دىيارىمىزغا ئېقىپ كىرىپ، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

(كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسى)

شىنجاڭ Medine butik كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Medine خانىم 2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق بازار ئىلمى ۋە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لاھىيلەش كەسپىدە قوش ئۇنۋان ئالغان بولۇپ، ئوقۇش جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس ئېلىش بىلەن بىرگە خەلقئارالىق ماركىلار ۋە تۈركىيەدىكى ئىلغار كىيم-كىچەك زاۋۇتلىرىدا پىراكتىكا قىلىش ئاساسىدا بۇ ساھەگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭ تۈركىيە كىيىملىرىگە بولغان قىززىقىشنىڭ كۈچلۈكلىكى، بىراق شىنجاڭدىكى باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرى بىلەن ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى قوللىنىپ ياۋروپا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىگە خاس لايىھىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزى لاھىيلەپ ئۆزى ئىشلەپچقىرىشتەك بىر گەۋدىلەشكەن، سىستېمىلاشقان شىنجاڭ Medine butik كىيم-كىچەك شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.

شىنجاڭ Medine butik كىيم-كىچەك شىركىتى بازارغا سالغان كىيىم-كېچەكلەرمۇ غەيرىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپلا قالماي، پاسون لايىھەسى تەكرارلانماسلىق، بىر خىل پاسوننى پەقەت بىرلا قېتىم بازارغا سېلىش ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شىنجاڭ Medine butik كىيم-كىچەك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانىمۇ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ غەيرى ئۇسلۇبتىكى كىيىم-كېچەككە بولغان ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ئەڭ گۈزەل بولغان مودا كىيىم-كېچەكلىرىنى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشتىن ئىبارەت.

ئاخىرىدا دىيارىمىز خانىم-قىزلىرىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق باھادىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا لايىھىلەنگەن مودا كىيىملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان Medine butik كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

يۇقارقى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ Medine butik كىيىم-كېچەك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى :

13669951347

شىركەت ئادرېسى :

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى257ـ نومۇر. (داشىن گۈللۈكى 6-بىنا 2-كورپۇس 701-ئىشخانا).

شىركەت ئالاقىلىشىش نومۇرى :

13669951347


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有