5-نۆۋەتلىك كارۋانلار يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق باشلاندى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-08 12:21:00

باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئىشەنچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار مەھسۇلات ئېلان قىلىش، سودا ئالماشتۇرۇش كارۋانلار يەرمەنكىسى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يەرمەنكە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 8-يانۋارمۇ كېلىپ ھەقسىز زىيارەت قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىمىز. بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياش رىياسەتچىلىرىمىزدىن ئابدۇخەبەر بىلەن رازىيە ئابلىز رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەڭ ئاۋۋال پائالىيەت شوخ سەنئەت نومۇرى بىلەن باشلاندى.

ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشى بىلەن رىياسەتچىلەر كارۋانلار يەرمەنكىسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارنى تونۇشتۇردى.

ئارقىدىنلا شىنجاڭ ئىشەنچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى رۇستەم ئەپەندى يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ كۆلىمى جەمئىي 1800 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ھەر بىرى 6 كىۋادرات مېتىردىن جەمئىي 70 ئورۇن ھازىرلاندى.

يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ئوخشىمىغان تۈردىكى كىيىم-كېچەك، ساغلاملىق، يېمەك-ئىچمەك، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، مەدەنىيەت تارقىتىش، بېزەكچىلىك قاتارلىق ساھەدىكى ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلار ئېھتىياجلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان سودا-ئالاقە ئالماشتۇرىدىغان تۈسىنى ئالغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن سىرت يەرمەنكىنىڭ دائىرىسى ئاساسلىقى مەبلەغ سالغۇچى، يېڭى مەھسۇلات تۈر ئېلان قىلغۇچى، كۈچلۈك تور سودىگىرى گۇرۇپپىسى، داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ جۇڭگو-شىنجاڭ باش ۋاكالەتچىلىرى ۋە زاۋۇت، كان-كارخانىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، زال ئىچى يەرمەنكىگە قاتناشقۇچى كارخانىچىلار، زىيارەت قىلغۇچىلار ۋە تاراتقۇلار بىلەن لىق تولدى.

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 13325605411 / 18699098842


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有