3-نۆۋەتلىك ھەرەمباغ يىپەك يولى لەغمەن يېيىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-05 18:52:45

شىنجاڭ «ھەرەمباغ» يىمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شېركىتىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئاساسىي مەقسىدىدىكى 3 - نۆۋەتلىك «ھەرەمباغ <يىپەك يولى> لەغمەن يېيىش مۇسابىقىسى» 5 - يانۋار ئۈرۈمچىدىكى «ھەرەمباغ» يىمەك - ئىچمەك ئاستانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غۇلجا، كورلا، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان مۇسابىقە رايونىدىكى «ھەرەمباغ» تارماق دۇكانلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايون بويىچە 60 ماھىر 6 مەيداندىكى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ھەر بىر ماھىر 6 مىنۇت ئىچىدە ئالدىغا قويۇلغان 170 گىراملىق 20 قاچىدىن لەغمەنگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلىدى. مۇسابىقە ئاخىرىدا تۇرپان مۇسابىقە رايونىدىكى جاپپار قاھار 6 مىنۇت ئىچىدە 14 تەخسە لەغمەن يەپ شىنجاڭ بويىچە چېمپىيون بولدى. ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىدا 3 - نومۇرلۇق ماھىر ئابدۇرېشىت ئەنۋەر 13 تەخسە لەغمەن يەپ شىنجاڭ بويىچە 2- بولدى.

سۈرەتتە: 1.ماھىرلار ئالدىغا لەغمەن قويۇلماقتا.

2.ماھىرلار شىددەت بىلەن لەغمەن يىمەكتە

3.ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىدىكى چېمپىيون ئابدۇرېشىت ئەنۋەر 1 مىڭ يۈەنلىك نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • باھار ھىدى قەلىبلەرنى ئىللىتتى

    2015-يىلى 1-فېۋرال ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى پىدائىيلار ئەترەت ئەزالىرى تۇرپان شەھرىنىڭ ھەرەمباغ تىز تاماقخانىسىدا يىغىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى مۇراسىمد...

  • 2-نۆۋەتلىك ھەرەمباغ يىپەك يولى لەغمەن بايرىمى ئ‍ۆتكۈزۈلدى

    5-يانۋار، 2-نۆۋەتلىك ھەرەمباغ يىپەك يولى لەغمەن بايرىمى ئ‍ۆتكۈزۈلدى، ئ‍ۈرۈمچى مۇسابىقە مەيدانىدا يۈسۈپجان توختى 11قاچا لەغمەن يەپ چېمپىيون بولدى، ئ‍اقسۇ ئ‍اۋات مەيدانىدا ئ‍ەمەت سەمەت 15 قاچا يەپ 5000 يۈەن بىلەن تارتۇقلاندى·

  • ھەرەمباغ پولۇ مۇسابىقىسىدە دىلشاد غوجا مەۋلانوۋا چېمپىيون بولدى

    «تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى ھەرەمباغ لوڭقىسى پولۇ ئېتىش مۇسابىقىسى» 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا شىنجاڭنىڭ ئالتە رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有