​ئىنتىل مەكتىپى يەنە بىر ئېسىل ئىش قىلدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-04 15:40:09

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋىرى، باغداش تورىدىن بەختىيار فوتۇسى:

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات رەستىسى بولغان دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان «دۆڭكۆۋرۈك تىياتىر مەرىكە زالى» قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئىدى. بۇ كۈنى بۇ يەردە شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ «ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش سىنىپى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە يېڭى يىللىق سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىدى. پائالىيەتكە مۇناسىۋتلىك رەھبەرلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى قاتناشتى. پائالىيەت دەسلىپىدە جۇشقۇن دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىنلا ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەييارلىغان نادىر ئۇسۇلى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلۇپ، مەيدان كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى. ئارقىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار ئارقا-ئاقىدىن تەبرىك سۆزى قىلىپ مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى ۋە نەق مەيداندىكى مېھمانلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلىدى.

شىنجاڭ «ئىنتىل»كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى تىرىشچان ياش ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئوقۇشقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، يەتتە يىل مابەينىدە بۇ مەكتەپ كىچىككىنە دەرسخانىدىن زورىيىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 32 تارماق مەكتىپى، 1200 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولغان زور قوشۇنغا ئايلانغان. مەكتەپ «ئۆسۈپ-يېتىلىش» مابەينىدە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئابلەت ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپادا-ھالاۋەتتە بىرگە بولۇپ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەكتەپ يەنە 5مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، يېتىم-يېسىر، ئاجىز-مېيىپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىپ ۋە تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، «باي بولغاندا خەلقنى ئۇنتۇماسلىق» تەك ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم «ئىنتىل» مەكتىپى يەنە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە، 2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش سىنىپى» ئېچىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان 300 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، «ئىنتىل» مەكتىپىدە بىر يىل تەربىيەلەپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 32 تارماق مەكتىپىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

پائالىيەتتە شىنجاڭ «ئىنتىل»كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇسى بار، ئەمما شارائىتى يوق ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ 300 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ تەربىيەلەپ، تۈرلۈك جاپالارنى يېڭىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەلبىلىك ھالدا مەكتەپ پۈتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. مۇشۇ نەتىجىمىزنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرگە بارغاندىن كېيىن، چوقۇم لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىقىپ، جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشالايدۇ.

پائالىيەت داۋامىدا پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان كېرەم ئابباس، سانىيە قاتارلىق ناخشىچىلار، مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇسسۇل، ناخشا، ئىتوت قاتارلىق نادىر سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلىدى. ئارقىدىن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار سەھنىگە چىقىپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى.

شىنجاڭ «ئىنتىل»كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى كورلا تارماق مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتىنى پۈتكۈزگەن ئاينۇر ئەنۋەر مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىرقانچە ئورۇنغا ئىمتاھان بەرگەن بولساممۇ، ئەمما نەتىجەم كۆرۈنەرلىك بولمىغان ئىدى. بۇلتۇر شىنجاڭ «ئىنتىل»كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ «ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش سىنىپى» غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن، خەنزۇتىلى كەسپىگە تىزىمغا ئالدۇردۇم. مانا بۈگۈن مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، كورلا تارماق مەكتىپىگە بۆلۈندۈم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، چوقۇم رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شۇ يەردىكى تىل ئۆگىنىشتە قىينىلىۋاتقان بالىلارغا بىلىم بېرىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有