دانىش ئادۋوكاتلىق ئورنى ئاۋام قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 15:37:13

باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىلى سودا بىناسىغا جايلاشقان شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنى ئىش بېجىرىش مەركىزىدە شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، خۇلاسە يىغىنىدا مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ بىر يىللىق خىزمەت ئەھۋالى، نەتىجىلىرى ئەلگە سۇنۇلدى.

خۇلاسە يىغىنىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەنۋەر نەئىم ئەپەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئادۋوكاتلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۈھەجەر خانىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىدىن دىلشات مۇئەللىم، غالىپ ئىسمائىل مۇئەللىم، لى ۋېيپىڭ مۇئەللىم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىئو ئىستانسىسى 104.7 چاستوتىنىڭ دىكتورى ئەكبەر ئابدۇللا ئەپەندى قاتارلىق ئالاھىدە مېھمانلار، شۇنداقلا دانىش ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلار، تاراتقۇ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ئەلىجان ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ 2016-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەنۋەر نەئىم ئەپەندى شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنىنى رىغبەتلەندۈردى، ھەمدە ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن-نىزاملارنى ئاممىغا يەتكۈزۈشتە ئاكتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئادۋوكاتلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۈھەجەر خانىممۇ شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ يىللاردىن بېرى بېجىرىپ كەلگەن خىزمەتلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنى 2014-يىلى 25-نويابىر ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى «يەنئەن» يولىدىكى كۆكرەك كېسەللىكلەر دوىتۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى «جىلى» سارىيىنىڭ 2-قەۋىتى 25-ئىشخانىغا جايلاشقان. بۇ ئادوۋكاتلىق ئورنىدا ھازىر كەسپى ئادوۋكاتتىن 14 ى، پىراكتىكانت ئادوۋكاتتىن 8 ى بار. خەنزۇ ئادۋوكاتتىن بىرى بار. ئادوۋكاتخانىدىكى ئادوۋكاتلار كەسپى بىلىمى، تەجرىبىسى مول، كەسىپتە پىشقان، مۇلازىمەت ئېڭى ئىلغار، قابىللار بولۇپ، ھەر خىل دېلولارغا «قوش تىل» لىق مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنى ھەرخىل جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئاقلىغۇچى ئادوۋكات بولۇش، تۈرلۈك ھەق–تەلەپ دېلولىرى (نىكاھ ماجىراسى، قاتناش ۋەقەسى ماجىراسى، مىراس ماجىراسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ماجىراسى، داۋالىنىش ھادىسىسى ماجىراسى، ئەمگەك ماجىراسى، توختام ماجىراسى، يەر ماجىراسى، قەرز ماجىراسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەمۇرىي دېلولار ۋە كېسىم دېلولىرى، غەيرىي داۋا ئىشلىرى قاتارلىقلارغا ئادوۋكات بولۇش؛ ئىدارە–ئورگان، شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ دائىملىق قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ ئەرز، ئىلتىماس، توختام قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنغا چېتىلىدىغان ھۆججەتلەرنى ۋاكالىتەن يېزىش؛ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، دەلىل – ئىسپاتلارنى يەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن «قوش تىل» دا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنۇتماي، ئادوۋكاتلىق ئورنىغا كەلگەن ھەر بىر دەۋاگەرگە قانۇن ۋە باشقا جەھەتلەردىن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارغا ئەرز ھۆججىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى خالىس يېزىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قانۇن تەشۋىقاتى، قانۇن تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنىمۇ ئاكتىپ تەشكىللەپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشقا پائال ئاۋاز قوشۇپ كەلدى.

شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنى بۇنىڭدىن كېيىن بۇرۇنقى نەتىجە ۋە خىزمەتلەر ئاساسىدا، تەجرىبە–ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئاممىغا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننىڭ ئادىل، توغرا يۈرگۈزۈلۈشى ۋە دەۋالاشقۇچلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشقا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشنى نىشانلىدى.

شىنجاڭ «دانىش» ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى:

8538330-0991 / 8557330 -0991

13999963649


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有