مېنىڭ ئارزۇيۇم پىروگراممىسىنىڭ تۇنجى سانى سۈرەتكە ئېلىندى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-02 20:18:06

قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قەشقەر ئىزنا مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرلىك پىروگرامما«باھارىم، مېنىڭ ئارزۇيۇم»نىڭ تۇنجى سانى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا سۈرەتكە ئېلىندى.

پىروگراممىغا ئابدۇكېرىم ئابلىز، مەخمۇت سۇلايمان قاتارلىق سەنئەتكارلار، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، قەشقەردىكى چوڭ-كىچىك كارخانىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار قاتنىشىپ ئارزۇ ئىگىلىرىگە قىممەتلىك تەكلىپ ۋە ئىلھام بەردى، پىروگراممىدا كارخانىلار ۋەكىللىرىدىن باشقا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارمۇ ھاياجانلىنىپ بىر قىسىم ئارزۇ ئىگىلىرىگە سوممىسى زور بولغان ئىقتىسادى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىزمۇ پۈتۈن بىر كۈن سەھنىدىن ئايرىلماي ماھىرلارغا قىممەتلىك تەكلىپ ۋە ئىلھام بەردى، ھەتتا بىر قىسىم ئارزۇ ئىگىلىرىگە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سەھنىنىڭ كەيپىياتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى، پىروگرامما باشتىن ئاخىر قەشقەر كارخانىلىرىنىڭ ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قېلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئارزۇ ئىگىلىرى ئۆزى كۆزلىگەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايىلەر نەق مەيداندىكى نۇرغۇنلىغان مېھمانلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزدى.

مەزكۇر پىروگرامما 2017-يىل 1-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!

ماھىر ۋە كارخانىچىلارنى تىزىملاش نومۇرى: 13899122298 / 2575061-0998


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有