بەرنا سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ داۋەن مەكتەپ رايونى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-04 16:43:50

باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالتۇن رۇسىيە مۇزىكىلىق تاماقخانىسىدا «شىنجاڭ بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە شىنجاڭ بەرنا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسە دوكلات يىغىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىنجاڭ بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى، تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى تاراتقۇلار، تەكلىپلىك مېھمانلاردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەتكە ئاتاقلىق رىياسەتچى ئىسھاق سۇلايمان بىلەن يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى ماينۇر رىياسەتچىلىك قىلدى.

پائالىيەتكە ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلاردىن تاشمۇھەممەد باتۇر، مۆمىنجان ئابلىكىم، ئادىلە سىدىق، سەۋىردىن ئىمام، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، گۈلمىرە قاتارلىقلار، شۇنداقلا ھەرقايسى تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلدى.

ئەڭ ئاۋۋال مەكتەپ بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ھەسەنجان تىلقۇت مۇئەللىم شىنخۇا جەنۇبى يولى مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئومۇمى خىزمەت ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلات بەردى، ھەمدە داۋەن يېڭى ئوقۇتۇش رايونىنىڭ (داۋەن شىمالى يولى 2158-نومۇر،<جىنخەيۋەننىڭ ئۇدۇلىدىكى فورد 4S دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ياۋروپا بىناسى> غا جايلاشقان) ئوقۇش باشلىغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا داۋەن مەكتەپ رايونىدا ئېچىلغان دەرس تۈرلىرى (ناخشا سىنىپى، خور سىنىپى، ئۇسۇل سىنىپى، كوچا ئۇسۇلى سىنىپى، رىياسەتچىلىك سىنىپى، ئاۋاز ئارتىسى سىنىپى، مودېل مېڭىش سىنىپى، رەسىم سىنىپى، پىيانىنو سىنىپى، دۇتار سىنىپى، گىتار سىنىپى، راۋاب سىنىپى، تەمبۇر سىنىپى، ئىسكروپكا سىنىپى، مۇزىكا ئىمتىھانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش سىنىپى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك سىنىپى قاتارلىقلار)نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

پائالىيەت جەريانىدا ھەرخىل نادىر نومۇرلارمۇ كەم بولمىدى ئەلۋەتتە، ئورۇنلانغان نومۇرلاردىن بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەمبىرەك ئۇسۇلى (ئىگىلىشىمىزچە ئوماقلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى 2016-يىللىق «جۇڭگو كورېيە ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەكتەپلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دە يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىمۇ پۈتۈن مەيدان كەيپىياتىنى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى)، بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسى سۈبھىنۇر مۇئەللىم دىلخاراج ناملىق ئۇسۇلى، يەنە سەرخىل نومۇرلاردىن ئوماق گۈلىماننىڭ «كاتيۇشىيا» ناملىق نومۇرى، نازىلەنىڭ ئۆزبېكچە ئۇسۇلى، ۋە باشقا ماھىرلارنىڭ «ئويناسۇن»، «غەربى دىياردىكى مەشئەل»، قاتارلىق نومۇرلىرى ئورۇنلاندى.بۇنىڭدىن سىرت بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان DSP دىكى ماھىرلارمۇ نومۇر تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، جۈملىدىن سۈرەتنىڭ ناخشىسى، ۋە باشقا كوچا ئۇسۇللىرى ئورۇنلىنىۋاتقاندا مەيداندىن چۇقان ۋە چاۋاك سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

ئارقىدىن تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن DSP نىڭ قۇرغۇچىسى فىرقەت سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، فىرقەت DSP ۋە شىنجاڭ بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ داۋەن رايونىدىكى بالىلار ئۈچۈن يۇقىرى ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ياخشى ئوقۇش مۇھىتى ئېلىپ كېلەلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت داۋامىدا بەرنا تېلېۋىزىيە سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى، ھەممىگە تونۇشلۇق خۇش ئاۋاز ناخشىچى ئايگۈل غۇلام مۇئەللىم يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان (تەڭرىتاغ يۇلتۇزى) خور ئۆمىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە كۆپچىلىك تەرىپىدىن «ئاپتاپ مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان تۆھپىكار باغۋەنلەردىن بۇخەلچەم مۇئەللىم ئۆزىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك سىنىپى ۋە بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇنىڭدىن سىرت بەرنا مەكتىپىنىڭ مودېل سىنىپىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى، مودېل سىنىپنىڭ يېتەكچىلىكىگە كۆپ قېتىملىق خەلقئارالىق مودېل مۇسابىقىلىرىدە ئاسىيا چېمپىيونى بولۇپ باھالانغان يېتىشكەن كەسپى مودېل جاۋيەن تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مودېل سىنىپىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار خەلقئارا سەۋىيەسىدە تەربىيەلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ياش ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭروڭ كىچىك چولپىنىمىز بەرناغا «ئۈمىد قۇرۇلۇشى تۆھپە مۇكاپاتى» نى تارقاتتى، ۋە بەرنانىڭ ھازىرغىچە بولغان خەيرى ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرىدىن بولغان سۆيۈنىشىنى ئىپادىلەش بىرگە ئۆزىنىڭ بەرنانىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا بولغان سەمىمىي تىلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى، بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ كىچىك مايسىلارنىڭ بەرنا سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىدە تېخىمۇ مۇنتىزىم تەربىيەلىنەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بەرنا سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق كىچىك چولپان بەرنا كۆپچىلىككە شوخ، يېقىملىق ناخشىسىنى سۇندى.

كىچىك چولپان سۈرەت ناخشا ۋە كوچا ئۇسسۇلى ئورۇنداپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

ئەلفىنۇرمۇ «مەشرەپ يوق يەردە» ناملىق ناخشىنى ئورۇنداپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا زوق ئاتا قىلدى.

بەرنا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى 2014-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كىچىك چولپان تەربىيەلەش، MV سۈرەتكە ئېلىش، پىلاستىنكا چىقىرىش، پائالىيەت پىلانلاش، ئىجرا قىلىش ۋە ئۆسمۈرلەرنى سەنئەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن ئەخلاقىي تەربىيەنى بىر گەۋدە قىلغان كەسپىي مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بولۇپ، بەرنا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدا تالانتلىق كىچىك دوستلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۆگىنىدىغان سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن كۈچەپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەڭ ئالدىدا مېڭىشتىن ئىبارەت شوئارنى قىبلىنامە قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ياخشى ئوبراز تىكلىدى.

بەرنا سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزى 2015-يىلى 12-ئايدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شىنخۇا جەنۇبىي يولى سودا-نازارەت بىناسى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىگە جايلاشقان، 300 كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە. ھازىر تەسىس قىلىنغان دەرسلەردىن ئۇسسۇل، گۈزەل-سەنئەت، بالىلار تىياتىرى، كوچا ئۇسسۇلى، ئىنگلىز تىلى، بالىلار سېرىكى، رىياسەتچىلەر سىنىپى، ئۇسسۇل كەسپى ئوغۇللار سىنىپى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايگۈل مۇئەللىم، ئۇسۇل فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلمىرە مۇئەللىم، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھەسەنجان مۇئەللىم قاتارلىق مول تەجرىبىلىك، ئەستايىدىل ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پەرزەنتىڭىز ئەڭ خۇشال، ئازادە مۇھىتتا سەنئەت بويىچە تەربىيىلىنەلەيدۇ.

داۋەن مەكتەپ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋەن شىمالى يولى 2158-نومۇر (جىنخەيۋەننىڭ ئۇدۇلىدىكى فورد 4S دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ياۋروپا بىناسى) غا جايلاشقان، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. مەزكۇر مەكتەپ رايونى DSP بىلەن بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، داۋەن رايونىدا مەيلى ئوقۇتۇش سۈپىتى ياكى ئوقۇتۇش مۇھىتى جەھەتتە بولسۇن يۇقىرى سەۋىيەدىكى سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى مەكتەپ رايونىغا يېڭىدىن ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئورۇنلاش تۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ساپ ھاۋا ئەڭ پاكىزە مۇھىتتا ئەڭ كەسپى ھالەتتە تەربىيەلىنەلەيدۇ. بۇ مەكتەپ رايونىدا 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇش باشلىنىپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

سۆيۈملۈك پەرزەنتىڭىزنى كىچىكىدىن سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدە تەربىيەلىمەكچى بولسىڭىز بەرنا سەنئەت تەربىيەلەش مەكتىپى سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ.

يۇقىرىقى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى :

0991-2202126

18690624528

18999398125

18999947496


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有