ئانار پىشتى مەستانىلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-01 17:22:34

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىم 3-بۆلۈمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.

نەق مەيدانغا 400 دىن ئارتۇق كۆرۈرمەن قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مەيدان جەريانى 6 دانە تېلېفون ئارقىلىق nice تا نەق مەيدان تارقىتىلدى.

مۇراسىم جەريانىدا نەق مەيداندىكى مەستانىلەر ۋە nice تىكى كۆرۈرمەن دوستلار بىرلىكتە ھەرخىل قىزىقارلىق، مۇكاپاتلىق ئويۇنلارغا قاتنىشىپ ھەقسىز مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

مۇراسىم باشلىنىپ ئەڭ دەسلەپتە رىياسەتچىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ھەر خىل قىزىقارلىق مۇكاپاتلىق ئويۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

نەق مەيداندىكى شۇنداقلا nice تىكى مەستانىلەر مۇكاپاتلىق ئويۇنلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ TV بازار پروگراممىسى تەمىنلىگەن ھەقسىز سوۋغاتلارغا ئېرىشتى.

ئانار پىشتى گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار 3-بۆلۈمنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىگە قارىغاندا قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغانلىقى، قانداق يېڭىچە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ قوشۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا پىكىرلىرىنى بايان قىلدى، شۇنداقلا ھەر بىر دوستىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىمنىڭ 3-بۆلۈم 1-قىسمىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنى ئەتە TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسىدىلا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تارقىتىش مۇراسىمىغا داڭلىق ناخشىچى ئادىلە سىدىق، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، ھەزرىتىئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن، پسىخىك يېتەكچىسى ئەلى قۇربان مۇئەللىم، رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر ۋە مۇخبىرلار، تاراتقۇ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلار سەھنىگە چىقىپ ئەتە ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىمنىڭ پەقەت TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسدىلا تارقىتىلىدىغانلىقىنى، كۆرۈشكە تەققەززا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئانار پىشتىغا بولغان تەكلىپ پىكىرلىرىنى ۋە ئانار پىشتى گۇرۇپپىسىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى، تىلەك سۆزلىرىنى ئېيتتى.

تۈنۈگۈنكى تارقىتىلىش مۇراسىمىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلىرى 6 دانە تېلېفون ئارقىلىق nice دا نەق مەيدان كۆرۈنۈش تارقىتىلدى. nice تىكى نەق مەيدان تارقىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 مىنۇتتىن ئاشتى، بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەن ئادەم سانى 47 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئومۇمىي كۆرگەن ئادەم سانى 280 مىڭغا يەتتى. ئومۇمىي ئېرىشىلگەن يۈرەك سانى جەمئىي 11 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.

niceتىكى كۆرۈرمەن دوستلارمۇ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگە ئىنتىزار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئانار پىشتى 3-بۆلۈمنى كۆرۈشكە تەققەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە ئىزچىل تۈردە TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ مەزمۇنلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا نەق مەيداندىكى مەستانىلەر بىرلىكتە ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىم 3-بۆلۈم 1-قىسىمىنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. شۇنداقلا نەق مەيداندىكى مەستانىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى. نەق مەيداندىكى مەستانىلەرمۇ بەس بەس بىلەن ئانار پىشتىغا بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندا كۆرۈش پۈرسىتىگە ئېرىشەلمەي قالغان دوستلىرىمىز ئەتە TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق كۆرەلەيسىز! ئەتە چۈشتە نەق ۋاقتىدا پەقەت TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسىدىلا تارقىتىلىدۇ. ئەگەر TVRESTE نى قوشۇۋالمىغان بولسىڭىز تېزدىن قوشۇۋېلىڭ!

ئەڭ ئاخىرىدا، نەق مەيداندىكى مەستانىلەر ئانار پىشتى گۇرۇپپىسى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىم 3-بۆلۈمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.

ئانار پىشتى گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تاراتقۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئەڭ ئاخىرىدا، TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە ئانار پىشتى تەشۋىقات نازارەتچىسى ئالىمجان ئادىل ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىمنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى، ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىدى. شۇنداقلا ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىمنىڭ ھەممەيلەن قىزىقىۋاتقان 3-بۆلۈم 1-قىسمىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنى ئەتە چۈشتە TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسىدىلا تارقىتىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئانار پىشتى كومىدىيىلىك فىلىمنىڭ باش ئوپېراتورى ئابدۇقادىر ئەخمەتتوختى ئانار پىشتىنىڭ مەستانىلىرىگە بۇ قېتىملىق ئانارنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سۈرەتكە ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى، ئەتىكى TVRESTE ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان 3-بۆلۈم 1-قىسىمنىڭ چوقۇم ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有