قارلۇق شېكەر شەنبە پاراۋانلىق ئىنگلىز تىلى دەرسخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا نەپ يەتكۈزدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-30 13:45:07

2012-يىلى دۆلىتىمىز "بىر بەلۋاق بىر يول" ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايونىمىزغا نىسبەتەن نۇرغۇن خەلقئارالىشىش پۇرسىتىنى ئېلىپ كەلدى. مۇشۇ چوڭ ۋەزىيەت ئاستىدا بىر كارخانا ۋە ياكى شەخس تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىمەن" دەيدىكەن، دۆلەتنىڭ چوڭ قەدىمى ۋە چوڭ ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭالايدىغان ئەۋزەللىكنى ئۆزىدە ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. قوللىنىشچان ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش ئەلۋەتتە چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى تۇتۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۆۋرۈك.

قارلۇق شىركىتى مۇشۇنداق تارىخى ۋەزىيەت ئاستىدا ئەنئەنىۋى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش شەكلىدىن پەرقلىنىدىغان بىلىم ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەم بۈگۈنكى دەۋرنىڭ كۆپ تىللىق، بىلىم قۇرۇلمىسى مول ئىختىساسلىق خادىملارغا ئېھتىياجلىق بولۇشتەك ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ.

قارلۇق ئىنگلىز تىلى مائارىپى يولغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت بولدى. پۈتۈن كۈنلۈك تەربىيەلەش سىنىپلىرى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي قوزغىتىلغاندىن ھازىرغا قەدەر نۆل سەۋىيە سىنىپىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەنگەن دەرسنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغان سەۋىيەدىن، چۈشەنمىگەن مەزمۇننى ئىنگلىز تىلىدا يېشىپ چۈشەندۈرسە چۈشىنىدىغان، سەھنىگە چىقىپ ئادەتتىكى مەزمۇنلار بويىچە يازالايدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. باشلانغۇچ ئوتتۇرا سەۋىيە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەرنى چۈشۈنۈپلا قالماي، خېلى مۇرەككەپ ماقالىلەرنى يازالايدىغان، ئىنگلىز تىلىدا پاراڭلىشالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى.

قارلۇق ئىنگلىز تىلى مائارىپىنىڭ ئالى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارام كۈنلىرىنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يولغا قويغان "شېكەر شەنبە" پاراۋانلىق دەرس پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ھەقسىز بىلىم يەتكۈزۈش پىروگراممىسى بولۇپ، قارلۇق ئىنگلىز تىلى مائارىپىنىڭ قوزغاتقۇچىسى قورشات قارلۇق سىنىپتا خەلقئارادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تور دەرسلىكلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن شۇ دەرسلىكلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا قارلۇق ئىنگلىز تىلى يەنە جەمئىيەتتىكى ئاياللارغا قاراتقان كەچلىك ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ۋە بالىلارغا قاراتقان ئالاھىدە شەكىلدىكى تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ بالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىينىلىدىغان ئانىلارغا قاراتقان ئانا بالىلار سىنىپى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

26- نويابىر قارلۇق ئىنگلىز تىلى 6- قېتىملىق شېكەر شەنبە پاراۋانلىق ئىنگلىز تىلى دەرسخانا پائالىيىتىنى قارلۇق ئىنگلىز تىلى گۇرۇپپىسىدىكى ھەر بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى، قارلۇق ئىنگلىز تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ باردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ لىدىرى پەخىردىن قارلۇق ئەپەندى قارلۇق ئىنگلىز تىلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى. تەكلىپلىك مېھمان تۇرسۇنجان بىلگە ئەپەندى "ئۆگىنىش روھىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئاتا ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئۆز ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟" دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有