يازغۇچى پاتىگۈل خانىم كىتابخۇمار توپىدا توپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-29 17:33:14

ئېلىجان جامال يولباش خەۋىرى:

26 – نويابىر، «كىتابخۇمار» ئۈندىدار توپىدا، خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى پاتىگۈل خانىمنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئەسىرلىك قانداشلىق» رومانى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە داڭلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى ھېسابلىنىدىغان، بىراق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بۇ يازغۇچىمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توپداشلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشى، دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز 27 - نويابىر پاتىگۈل خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى توپىمىزدا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.

ئەسلىدە پاتىگۈل خانىم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن نىڭبو شەھىرىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئالدىراشلىقىغا، ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي تەلىپىمىزگە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00 دا) كىتابخۇمار توپىمىزدا پاتىگۈل خانىم بىلەن بولغان سۆھبەت باشلاندى. پاتىگۈل خانىم ناھايىتى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا توپداشلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغاچقا، تۇرمۇش سۆزلىرىدىن باشقا مۇرەككەپرەك سۆزلەرنى قىلىشتا سەل قېينىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، توپداشلار بىلەن خەنزۇتىلدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزرە ئېيتتى.

سۆھبەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. توپداشلار پاتىگۈل خانىمدىن شەخسى تۇرمۇشى، ئەسەرلىرى، تۇرمۇش قارىشى، يېزىقچىلىق ئىشلىرى...قاتارلىقلار توغرىسىدا بەس – بەستە سوئال سورىدى. پاتىگۈل خانىم ھەر بىر سوئالغا ناھايىتى ئەتراپلىق، چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق قىلىپ جاۋاب بەردى. ئەسلىدە 40 مىنۇت قىلىش پىلانلانغان سۆھبەت 1 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. ئاخىرىدا پاتىگۈل خانىمنىڭ 28 – چېسلا يەنە بىر پائالىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق توپداشلار پاتىگۈل خانىم ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. پاتىگۈل خانىمنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، توپىمىزدا كىتابخۇمارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىنىدىن ھەمدە ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھرىمەن قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت، ئائىلىسىگە بەخت تىلىدى.

«كىتابخۇمار»ئۈندىدار توپى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان كىتابخۇمارلارنىڭ ياخشى كىتابلارنى ئۆز ئارا تەۋسىيە قىلىش، تونۇشتۇرۇش، ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىش، كىتابنى چۆرىدەپ تۈرلۈك ئىلمىي مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيىتىنى ئورتاق بېيىتىش، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك توپ. مەزكۇر توپ 2014 – يىلى قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر، ئۈندىدار دۇنياسىدا قۇرۇق پاراڭدىن خالىي، كىتاب – ئىلىم گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان ھەقىقىي ئىلىم گۈلزارى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • كونا ئەسكەرنىڭ كەچمىشى-تارىخىي ئەسلىمە

    ھەممە ئادەمنىڭ كەچۈرمىشى بولىدۇ ،سىزنىڭمۇ ،مېنىڭمۇ ،ئۇنىڭمۇ كەچۈرمىشى بار سىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئۇنداقتا سىز 1940 -يىللىرى ياشىغان كونا ئەسكەرنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟

  • يازغۇچى ئارىسلان تالىپ ئەسەرلىرى سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

    قاراماي دىلفىرۇز كىتاب شەيدالىرى 4- قېتىملىق ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت پائالىيىتى 24-ئاپرېل قاراماي كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كەسپىي يازغۇچى ئارىسلان تالىپنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەنلەر بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇر...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有