ئۈرۈمچىدىمۇ قومۇلنىڭ يەرلىك تائاملىرىدىن لەززەتلىنەلەيسىز

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-10-16 11:34:07

باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

ئۈرۈمچى شەھىرى 5-كۆۋرۈكنىڭ جەنۇب تەرەپ ئۆستەڭ بويىدىكى پىيادىلەر يولى (ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ يېنى) غا جايلاشقان «ئۇيغۇرغول تائاملىرى» ئارامگاھى تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي يۇرت قومۇلدىن تەكلىپ قىلىنغان تەۋەرۈك ئۇستاملارنىڭ يېشىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەييارلىغان مىراس تائاملىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئازادە بېزەلگەن مۇھىت بىلەن قوشۇلۇپ، سىزگە ھەقىقىي قومۇل يەرلىك تائاملىرىنىڭ تەمىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

«ئ‍ۇيغۇرغول تائاملىرى» ئ‍ارامگاھى ئ‍ۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى بولۇپ ئ‍ېچىلغان ۋىلايەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئ‍ىشلەپچىقىرىش، قوغداش بازىسى بولۇپ، قومۇل تائام مەدەنىيىتىنى كەڭ خەلق ئ‍اممىسىغا تونۇتۇش، تەشۋىق قىلىشنى مەخسەت قىلغان. ئ‍ارامگاھ تائاملارنى ئ‍ەسلى تەم بىلەن ئ‍ېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئ‍ۈچۈن، قومۇلدىن يەرلىك ئ‍ۇستاملارنى ئ‍الاھىدە تەكلىپ قىلغان، ئ‍ۆزگىچە تەملىك، يوقۇرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئ‍ىگە تائاملار سىزگە ھەقىقىي قومۇل تائاملىرىغا ئېغىز تېگىشكە پۇرسەت ياراتسا، قومۇل تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن بېزىلىش ئۇسۇلى سىزنى ئائىلىڭىزگە، شۇنداقلا قومۇلغا بارغاندەك ھېس-تۇيغۇغا ئەكىلىدۇ. «ئۇيغۇرغول تائاملىرى» ئارامگاھى يەنە ئۈرۈمچىدە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان قومۇل يەرلىك ياپمىسىنى مەخسۇس ئېتىش ئورنى بولۇپ، قومۇل ياپمىسى، ھېسىپ ياپمىسى، كەكلىك ياپمىسى، قومۇل خانئېشى، كۆچە ئاش، يارما ئاش ۋە ئۈندۈرمە ئاش قاتارلىق قومۇل دىيارىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە تائاملىرىنى ئەڭ ئوخشىغان، تەملىك، سۈپەتلىك ھالەتتە كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن قىلىدۇ.

قومۇل يەرلىك تائاملىرىدىن لەززەت ئ‍الماقچى، قومۇل دىيارىنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىلىرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز «ئ‍ۇيغۇرغول تائاملىرى» ئارامگاھىغا غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ! ئ‍ارامگاھتىكى چىۋەر ئ‍ۇستاملار قومۇل ياپمىسىنى يەرلىك ئ‍ۇسۇلدا ئ‍ېتىشنى ئۆگۈنۈش ئ‍ارزۇسى بار مېھمانلارغا نەق مەيداندا ئ‍ۆگۈتىپ قويىدۇ!

تائاملاردىن بەھىرلىنەي دېسىڭىز ئالدىن زاكاز قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.

تېلېفۇن: 17797812124 ، 2800089-0991

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى 5-كۆۋرۈكنىڭ جەنۇب تەرەپ ئۆستەڭ بويىدىكى پىيادىلەر يولى (ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ يېنىدا)

«ئۇيغۇرغول تائاملىرى» ئارامگاھى شۇ ئەتراپتىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئارامگاھقا كېلىپ، ھەقسىز چاي-تائاملارغا ئېغىز تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有