رىنات خەمىت ناخشا-ئېتوت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-04-25 10:49:22

باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ مۆجىزە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئەلگە نەپ سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «رىنات خەمىت ناخشا-ئىتوت كېچىلىكى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ كېچىلىككە يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى، ناخشىچى، تالانتلىق ئاكتىيور رىنات خەمىت ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى.

كېچىلىككە ھەر قايسى ساھەدىكى ئەزىزلەردىن 500 گە يېقىن مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى، كېچىلىك باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى.

باشلىنىشى بىلەنلا رىنات خەمىت يېقىملىق ئاۋازىدا مۇڭ كۈيلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنۇپ، مەيدان كەيپىياتىنى لەرزىگە سالدى.

ئارقىدىنلا تەكلىپ قىلىنغان باشقا ئارتىسلارنىڭ نادىر نومۇرلىرى كۆپچىلىككە سۇنۇلدى.

ئارقىدىن رىنات خەمىت قىزىقارلىق ئىجادىي ئىتوتلىرى بىلەن مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش-سادالىرىغا ئېرىشتى.

بىز ئاخىرىدا سەنئەت ساھەسىدە يېتىلىۋاتقان بۇ ياش يىگىتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有