3-نۆۋەتلىك كارۋانلار يىغىلىشى زال ئىچى يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-04-08 19:13:26

باغداش تورى خەۋىرى:

2000 نەچچە يىل ئىلگىرى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىتىكى ئەمگەكچان، باتۇر خەلق، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ بىر قانچە چوڭ مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى يولىنى ئاچقان بولۇپ، كېيىنكىلەر بۇ يولنى «يېپەك يولى» دەپ ئاتىغان. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان «تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىڭىشىش، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت يەتكۈزۈش، تەڭ پەيدا ئېلىش» تىن ئىبارەت يىپەك يولى روھى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، ئىنسانىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تۈگۈن، شەرق ۋە غەرب ھەمكارلىقىنىڭ سمۋولى، دۇنيا ئەللىرىگە ئورتاق بولغان تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىدۇر.

دۆلىتىمىزنىڭ يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتەك ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان، شىنجاڭ مۆجىزە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «كارۋانلار يىغىلىشى» زال ئىچى يەرمەنكىسى ئۈچىنچى قېتىمىلىق سەپىرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «كارۋانلار يىغىلىشى» زال ئىچى يەرمەنكىسى 2016-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23~24-ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋۈﺭۈﻣﭽﻰ ﺩۆﯕﻜﯚﯞﺭﯛﻙ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ زالىدا(ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ) ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﯗ.

شىنجاڭدا ھەر يىلى كەڭ سودا ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن تۈر، كەسىپ بويىچە ھەر خىل مەھسۇلات ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يېڭى ئىش باشلىغان ھەم ئىش باشلاشنى ئويلاۋاتقان كارخانىچىلار ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر بېسىم بولغاچقا، چوڭ تىپتىكى يەرمەنكىلەرگە قاتنىشالمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بىزدىكى ئاز بولمىغان خاسلىق، يەرلىك مەھسۇلات ئەۋزەللىكى، تەبىئىيلىكى تولۇق نامايەن بولالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان سودا ساھەسىدىكىلەر 1. تۈر ئىزدىگۈچىلەرگە، 2. مەبلەغ سالغۇچىلارغا، 3. ئىختىساسلىق خادىملارغا، 4. ھەمكارلاشقۇچىلار ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان سەھنىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماقتا، كارخانىچىلارنىڭ مۇشۇ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان شىنجاڭ مۆجىزە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 27-28-كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋە خوتەندە ئىككى قېتىملىق «كارۋانلار يىغىلىشى» زال ئىچى يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. ئىككى قېتىملىق يەرمەنكىدە قاتناشقان ھەربىر كارخانا ئۈچۈن مەخسۇس چوڭ ئېكراندا ئېلان قىلىش ۋاقتى ئاجرىتىلغان، داڭلىق ناتىق، داڭلىق چولپانلار، چوڭ كارخانىچىلار قەدەم تەشرىپ قىلغان. بۇ قېتىممۇ يەرمەنكىگە رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھەر بىر كارخانا 5 مىنۇتلۇق مەخسۇس فىلىمىنى چوڭ ئېكران ئارقىلىق قويۇش، ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز شىركىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ تۇنۇشتۇرۇش ۋە نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرۈش، تەشۋىق قىلىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە. يەرمەنكىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇكى، يەرمەنكە سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەمدە يەرمەنكە داۋامىدا ئېسل نۇتۇقلار سۆزلىنىدۇ، سەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ھەرقايسى كۆرگۈچىلەر شىركەتلەرنىڭ ئېتىبارلىق مال سېتىش، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ.

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «كارۋانلار يىغىلىشى» زال ئىچى يەرمەنكىسى

ئورنى: ﺋۈﺭۈﻣﭽﻰ ﺩۆﯕﻜﯚﯞﺭﯛﻙ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺯﺍﻟﻰ(ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ)

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 13325605411 18129455411 13325608133 0991-8531170

ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺕ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟

ﺷﯩﯩﺮﻛﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ، ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﻳﺎﺭىﺗﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟

ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ؟

ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗوﻧﯘﺗﺎﻟﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟

ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯜﻧﯘﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟

ﺋﯧﻼﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﻛﯚﭖ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯜﻧﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟

ﺳﯧﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﺘﻪﻟﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟

ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﯩﯖﯩﺰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗوﻧﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ؟

ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎسلىق ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟

ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ؟

ﻗوﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﯜﺭ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟

ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳۈﺭﯞﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ «ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻰ» ﺯﺍﻝ ﺋﯩﭽﻰ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ.

ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺕ ﺳﻪﮪﻨﯩﺴﻰ

ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ

ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺩ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ!​

ئالدىنقى نۆۋەتلىك «كارۋانلار يىغىلىشى» زال ئىچى يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈشلەر


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有