ئۈرۈمچىدە ساختا قىزىل چاي ياساش ئۇۋىسى بايقالدى

مەنبە: ئاسىيا كىندىكى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2015-04-09 13:00:57

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

گۇاڭشىدىن كىرگۈزۈلگەن، چوڭ خالتىلارغا قاچىلانغان لىجى قىزىل چېيى؛ جياڭسۇ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ قاپ ياساتقان، گۇاڭدۇڭدىن چاي قاچىلاش ۋە ئاپتوماتىك ئېغىزىنى ئېتىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالغان؛ جېجىياڭدىن ئوراپ قاچىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان پلاستېر سېتىۋېلىپ، ......بۇ ئۈسكۈنە ۋە خام ئەشيالاردىن پايدىلىنىپ ساختا مال ياسىغۇچى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە « سېرىلانكا قىزىل چېيى » نى ياساپ چىققان.

تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرى بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى قارغايلىق يولى مەھەللىسى جەنۇبى كوچىسىدىكى بىر ئىجارە ئۆيدە، تەڭرىتاغ رايونلۇق سۈپەت تېخنىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ساختا مال ياسايدىغان بىر قارا ئۇۋىنى تەكشۈرۈپ تاپقان. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇ ئۆيدىن قاچىلاپ تەييار قىلىنغان 608 قاپ « سىرىلانكىدىن ئىمپورت قىلىنغان قىزىل چېيى » نى تاپقان بولۇپ، ھەر بىر قېپىنىڭ ئېغىرلىقى 100 گرام كېلىدىكەن. نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ساختا قىزىل چايلار مۇسادىرە قىلىنىپ، ساختا مال ياسىغانلار ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有