قۇمۇل راھەتباغ يېزىسى قارىتال كەنتتە قوغۇن بايرىمى ئۆتكۈزىلىدۇ

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-17 17:35:54

قوغۇن - يۇرتىمىز قومۇلنىڭ كوزۇر مەھسۇلتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭ چىقارغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن2014- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە " قوغۇن يۇرتى" دەپ نام ئالغان راھەتباغيېزىسىنىڭقارىتال كەنتىدە"شېرىن ساياھەت 11- نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇن بايرىمى "ئۆتكۈزىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى قوغۇن بايرىمى پائالىيەت كۆلىمى ۋە تۈرى جەھەتتە ئىلگىركى يىللاردىن كېڭەيگەن بولۇپ، ئەڭ تاتلىق، ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆركەم قوغۇنلارنى تاللاش مۇسابىقىسى ، ئويما قوغۇن مۇسابىقىسى، كەشتە كۆرگەزمىسى، ئەقلى ئىقتىدارلىق پارنىكتا قوغۇن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى....قاتارلىقلار سىزگە قوغۇننىڭ "سېھرى كۈچى"نى نامايەن قىلسا، يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئېتىلگەن "ئەسلى تەم" تائاملىرى سىزگە ھەقىقى يېشىل يىمەكلىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ياڭراق ناغرا- سۇناي ئاۋازى ۋە مول مەزمونلۇق يەرلىك سەنئەت نومۇرلىرى سىزنى ھەقىقى بايرام قاينىمىغا باشلاپ كىرسە، مىللىيچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەن "مىللىي ئۆرۈپ - ئادەت كوچىسى"سىزنى ئەسىرلەر بۇرۇنقى قومۇلنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

قوغۇن بايرىمى مەزگىلىدە "قوغۇن سەيلىگاھى" ۋە "مىللىي ئۆرۈپ - ئادەت كوچىسى" كەڭ ساياھەتچى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: بايرام مەزگىلىدە بىخەتەرلىك ئۈچۈن ھەرقانداق سومكا ۋە ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ كىرىشكە يول قويۇلمايدۇ!


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有