2014-يىللىق تور مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-06-18 11:19:20

17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئويۇشتۇرغان ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلار، تور بېكەتلىرى ھەمدە تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئىدارە-ئورۇنلار ۋە تور ئىگىلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2014-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى .

بۇ نۆۋەتلىكتور مەدەنىيەت بايرىمىدا ،تەكلىماكاندا توي ، كونا-يېڭى سۈرەتلەر ، 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مىكرو ھېكايە فىلىم بايرىمى ، شىنجاڭ ئىتوت مۇسابىقىسى ، ئاقسۇدا ئالما قىزاردى ، يان تېلېفوندىن قىزىلسۇغا نەزەر ، ئىلى تەسىراتلىرى، نەزەرىمىزدىكى شىنجاڭقاتارلىق 22 يۈرۈشلۈك پائالىيەت 2014-يىلى 3-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ ، تور مەدەنىيىتى كاتتا كۆرىكىكۆچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ .

2014-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش نىشان قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزا-كەنتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ، ئامما ياقتۇرىدىغان تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتتىكىھەر ساھەنىڭمەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكلەپ ، تور مەدەنىيەت بايرىمىنى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ سەھنىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ .

بۇ نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا 2013-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر تەقدىرلەندى . تەڭرىتاغ تورى ئويۇشتۇرغان ‹‹ ھەي ، مەن شىنجاڭلىق ›› تۇنجى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىدىكى ‹‹ ئەڭ ياخشى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى ›› بولۇپ باھالاندى . ئىلى ، قاراماي ، ئاقسۇ ، قىزىلسۇ قاتارلىق تۆت ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تۇنجى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىدىكى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ شىنجاڭ ئۈچۈنسۆزلەيمەن ›› ، شىنجاڭ چاقچاقچىلار مۇسابىقىسىقاتارلىق پائالىيەتلەردە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان تاڭ يى ، ھەبىبۇل غۇلام ، دىلشات قۇدرەت ،خې شىنشې قاتارلىق شەخىسلەر تەقدىرلەندى .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有