چەرچەندە زوراۋانلىق ، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-06-06 16:35:46

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

فوتوسى :5-ئىيۇن، چەرچەن ناھىيەسىدەدىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى .

ئۈرۈمچىدە ‹‹22-ماي ›› زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما زوراۋان ، تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىغا قاتتىق نەپرەتلەندى .

6-ئىيۇن ، چەرچەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر ، ئامما خەلق باغچىسىغا جەم بولۇپ ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنىغا قاتنىشىپ ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، مەركەز ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ ، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىرادىسىنى بىلدۈردى ، ھەمدە زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى .

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر مىللەت كادىر ، ئامما يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل پىلاكاتقا ئىمزاسىنى قويۇپ ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ شىن

چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ھاكىم ھەسەنجان ئوبۇلقاسىم

چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى تۇرسۇنئابدۇرېھىم

چەرچەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەركىن روزى

چەرچەن ناھىيەلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش قۇربان تۇرسۇن

ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تۇرسۇن ئابدۇۋەلى

ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن روز

ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى قەدىردىن تۇرسۇن

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەكىلى ئوسمان ئابدۇقادىر

چەرچەن بازىرى چۆگلىمەيار مەھەللە كادىرى ئايگۈل مۇسا


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有