كۆزلىرىڭلارنىڭ پەقەت ئىللىق كۈلۈمسىرەشلەرنى كۆرۈشىنى تىلەيمەن

مەنبە: ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-31 18:01:13

1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى. بۇ پۈتۈن جاھاندىكى بالىلارنىڭ بايرىمى. بالىلارنىڭ كۆزىدىكى دۇنيا ئەڭ ساپ، ئۇلار ھەمىشە ئۆز دۇنياسىدا خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك بايقىيالايدۇ. سىياسىي، ئۇرۇش، نامايىش قاتارلىق قۇرامىغا يەتكەنلەرگە تەۋە بولغان بۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا بەلكىم بارماق بىلەن بېلەت تاشلايدىغان سىياھ ئىزى، ئويۇنچۇق دۇكىنىدىكى تەقلىدىي تاپانچا، يۈزىگە بويىۋالغان رەڭلىك بوياق بولۇشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاشۇ ساپ دىل بالىلارنىڭ ئوق ئىزى ۋە خارابە كۆرمەسلىكى، مىلتىق ئاۋازى ۋە شوئار ئاڭلىماسلىقى، ئوق- دورا ۋە قان ھىدىنى پۇرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھامان بىر كۈنى، كۆزىڭىز تەبەسسۇمنىلا كۆرەلەيدىغان، بۇ دۇنيا سىزگە يېقىملىق مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.

2014- يىلى 1-ماي، سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ ئەتراپى، پارتلاشتا يارىلانغان بالا يىغلىماقتا.

2014- يىلى 18-ماي، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە، مىسىرلىق بىر بالا پرېزىدېنت نامزاتى سىسىنىڭ رىقابەت يىغىلىشىغا قاتناشماقتا.

2013- يىلى 10-ئۆكتەبىر، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى قاھىرە تىياتىرخانىسى، بالىلار «قاھىرە تىياتىرخانىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتىدە نومۇر ئورۇنلاشنى كۈتمەكتە.

2011- يىلى 18-سېنتەبىر، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدىكى ئەرۇزىيە ھەربىي لاگىرى، بىر بالا قولىغا مىلتىق ئېلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

2014- يىلى 323-مارت، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئېتىشىشتىن كېيىن، بىر قىز بالا ئوق تېشىۋەتكەن دېرىزىدىن سىرتقا قارىماقتا.

2014- يىلى 6-فېۋرال، ئىيوردانىيەنىڭ مافراق مۇساپىرلار لاگىرى، سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ بالىلىرى ئوينىماقتا.

2014- يىلى 18-فېۋرال، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئور رايونى، بىر قىز پارتلاش يۈز بەرگەن خارابە ئالدىدا تۇرماقتا.

2011-يىلى 13-ئۆكتەبىر، لىۋىيەنىڭ مىسراتادىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۇرۇش ئوتىدا سول پۇتى يارىلانغان بالا داۋالانماقتا.

2014-يىلى 6-مارت، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى ناجىفتا، بىر قىز يوفارادى دەريا ساھىلىدە سۇ كالىلىرىنى ھەيدىمەكتە.

2013-يىلى 18-ئىيۇل، مىسىر قاھىرە، بىر ئەر بالىسىنى ئېلىپ «خەيرى-ساخاۋەت تامىقى»بار يەردىن ئايرىلدى. «خەيرى-ساخاۋەت تامىقى» بولسا رامزان مەزگىلىدىكى ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەت، ھۆكۈمەت ۋە ئەل ئارىسىدىكى ئورگانلار پۇل چىقىرىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار ئۈچۈن ھەقسىز ئەمما ناھايىتى مۇل بولغان رامىزانلىق تاماق.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有