بۇلتۇر شىنجاڭدا 1393 نەپەر پارتىيەلىك كادىر جازالاندى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-28 19:02:58

27-ماي چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزامتەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما گوۋېي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن : 2013-يىلى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىشئورگانلىرى جەمئىي 1216 دېلو تۇرغۇزۇپ ، 1393 نەپەر پارتىيەلىك كادىرنى جازالىدى ، 88 ئادەمنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . ئاپتونوم رايونلۇقئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىشنازارىتى چى دېشياڭ ، ھەسەنجان گايىت قاتارلىق 12 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىققىلىش دېلوسى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى .

ما گوۋېيمۇنۇلارنى بىلدۈردى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈشۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركەز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، فۇنكىسسىيەدە، ئۇسۇلدا ، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشتەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ئاستىدا ، چىرىكلەشكەنلەرنى چوقۇم جازالاش ، خىيانەتچىلەرنى چوقۇميوقىتىش ، بالدۇر تۇتۇش ، كىچىكىدىنتۇتۇش قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنىقۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى ،پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى.

ماگوۋېي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى : 2014-يىلى 1-پەسىلدە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى داۋاملىق ھالدائىنتىزامغا ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ ، دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ كەلدى .1-ئايدىن 4-ئايغىچە ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىققىلىش دېلولىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 78.31 ئاشقان ، پارتىيە ئىنتىزامى ، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان خادىملار ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 48.46 ئاشقان ، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپبېرىلگەنجىنايەت گۇماندارى20 ئادەم بولۇپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 33.33 ئاشقان .

ماگوۋېييەنە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇقئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى2014-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ، دەسلەپكى قەدەمدە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك يىپئۇچىدىن25 نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى ، 10 دېلوغا قاراپ چىقتى ، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت ، ئىدارە دەرىجىلىك كادىرغا چېتىشلىق دېلو يەتتە( بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئىنتىزامى ، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغان نازارەت دەرىجىلىك كادىر تۆت )، ناھىيە،باشقارما دەرىجىلىك كادىر 10 ، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر بىر نەپەر .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有