ئىلى ئوبلاستى ئوچۇق سوت ئېچىش ۋە ئاشكارا ھالدا قولغا ئېلىش يىغىنى چاقىرىپ، 55 جاۋاپكارغا ھۆكۆم ئېلان قىلدى

مەنبە: شىخۇا ئاگىنىتلىقى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-28 10:48:07

شىنخۇا ئاگېنىتلىقى خەۋىرى ،باغداش تورىدىن: تۇرسۇنئاي تەرجىمىسى

27-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئىلى قازاق ئوبلاستى ئاشكارا سوت ئېچىش، ئاشكارا قولغا ئېلىش ۋە ئاشكارا جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇش يىغىنى چاقىرىپ، بىر تۈركۈم زوراۋان-تېرورچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق جازا بەردى.

ئوچۇق سوت ئېچىش، ئاشكارا ھالدا قولغا ئېلىش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ئاشكارا ھالدا تۇتۇپ تۇرۇش چوڭ يىغىنىدا، ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى ئوبلاسىتلىق تارماق سوت مەھكىمىسى ئالتە تۈرلۈك دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئابلىمىت ئابدۇللا قاتارلىق 55 نەپەر جىنايەتچى ئۇنسۇرنى قەستەن ئادەم ئۆلتۆرۈش جىنايىتى، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ۋە زوراۋان-تېرورچىلارنى تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن ئوچۇق سوت ئېچىپ ھۆكۆم چىقاردى. ئىلى ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى ئابدۇغەنى ياسىن قاتارلىق 38 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئاشكارا قولغا ئالدى، ئارمان ئالىمجان قاتارلىق 27 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى ئاشكارا جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇردى.

بۇ قىتىملىق ئوچۇق سوت ئېچىش، ئاشكارا ھالدا قولغا ئېلىش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ئاشكارا ھالدا تۇتۇپ تۇرۇش دېلوسىدا، كۆپچىلىكنىڭ دىققەت ئىتبارىنى ھەممىدىن بەك تارتقىنى بولسا بۇلتۇرقى «20-ئاپرىل» دېلوسىغىمۇ بۇ قىتىمدا ئوچۇق سوت ئېچىلدى. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئابلىمىت ئابدۇللا قاتارلىق ئۈچ نەپەر جىنايەتچى قولىدا پىچاق- پالتا قاتارلىق قاتىللىق قۇراللىرىنى ئېلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئائىلىلىك تۆت جان ئادەمنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن، ئەڭ قىسقىسى ئۈچ ياشلىق ئۆسمۈر قىزنىمۇ ساق قۇيمىغان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولۇپ، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان جىنايەتتۇر. ئابلىمىت ئابدۇللا قاتارلىق ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارى قانۇن بويىچە ئۆلۆم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بولۇپمۇ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان، قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇغان باسقۇنچى جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىمۇ ئاشكارا ھالدا قولغا ئېلىپ، ئاشكارا ھالدا جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇردى.

ئوبلاسىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن مىڭخۇي چوڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:« بۇ قىتىملىق ئوچۇق سوت ئېچىش، ئاشكارا قولغا ئېلىش، ئاشكارا جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇش چوڭ يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، ئوبلاسىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ « ئۈچ خىل زوراۋان كۈچ» تېرورچىلىق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ھەمدە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەددىدىن تىخىمۇ بەك ئىشىپ كېتىشتەك ئەھۋالىغا قاتتىق بىر قامچا سىلىپ، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ۋە ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ. زوراۋانلىققا كەسكىن زەربە بېرىش مەخسۇس پائالىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىزلىك بىلەن يارىتىپ، ئىلى ئوبلاسىتىنىڭ جەمئىيەت چوڭ مۇقىملىقى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • 2013يىلى رايۇنىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالى

    2013-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدى...

  • شىنجاڭغا ئېغىر سوغۇق چۈشىدىكەن

    شىمالى شىنجاڭ تەرەپتە ئۈششۈك ئەھۋالى سەل ئېغىر بولدىكەن قۇمۇلدا قاتتىق بۇران چىقىدىغاننىڭ گىپى بار ھەم سۇغۇق بەكرەك بولدىكەنسۇغۇق چۈشدىغان ۋاقىت 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈندىن -24كۈنىگىچە بولدىكەن جەنۇبى شىنجاڭدا تىمپۇراتۇرا 5-8گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن

  • سوغۇق ھاۋا يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا بۆسۈپ كىرىدۇ

    ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 27-ئاپرېل كېچىدىن 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇنغىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ، ئۈرۈمچىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ، ئۈرۈمچ...

  • 100دىن ئارتۇق كارخانا شىنجاڭغا ياردەم بەرمەكچى

    27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ، كارخانىچىلار بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ) ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرى...

  • ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار: تېرورلۇق ھۇجۇمىغا سۈكۈتتە تۇرمايمىز!

    2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19:10، يۈرەكلىرىمىزدىن يەنە قان تامدى، ئۈچ كىشى مەڭگۈ كۆز يۇمدى، 79 كىشىنىڭ قەلبى جاراھەتكە تولدى ماي بايرىمى، ۋوگزال، باھار پەيزىنى سۈرمەك بولۇپ، باھار سەيلىسى ئۈچۈن بېلەت ئالماقچى ئىدىم كىشىگە زە...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有