شىنجاڭ ساقچى تەرەپ 200دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-26 16:24:33

قانۇن –تۈزۈم تورى ئۈرۈمچى 25-مايدىكى خەۋىرى مۇخبېر پەن سوڭۋۇ 23-مايدىن باشلاپ شىنجاڭ تىرورچىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈردىكى ھەركىتىنى باشلىغاندىن بېرى ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى بۇيرۇق بويىچە تېزدىن ھەركەتلىنىپ ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى رازۋىتكا قىلىش ، تەكشۈرۈش ، رەتكە تۇرغۇزۇش ئاساسىدا ، ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىپ ، قاتتىق تەكشۈرۈپ چوڭقۇر قېزىپ ، 25-ماي سەھەردە «نۆل نوقتا»تۇتۇش ھەركىتى يۈرگۈزۈپ ، چاقماق تېزلىكىدە بىر تۈركۈم تىرورچىلىق شايكىسىغا زەربە بېرىپ ، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى ، ھەمدە بىر تۈركۈم تىرورچىلىق ئەسۋابلىرى ،ماتىرياللىرى ۋە باشقۇرۇلدىغان تىغلىق سايمانلارنى قولغا چۈشۈرۈپ ، زورلۇق تىرورچلىق پائالىيەتىرىگە « تېز ،مۇقىم ، توغرا . قاتتىق » بولۇشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

ج خ ئورگانلىرىنىڭ تۇتۇش ئوبىكتى « توردا تىرورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى تارقىتىپ ، غازاتنى تەشۋىق قىلغان كىشىلەر » ،« تىرورلۇققا چېتىلىدىغان رىئال خەۋپلىك ئۇنسۇرلار ۋە دىنى ئەسەبىي ئونسۇرلار » «كۆپ قېتىم بىخەتەرلىككە زىيان سالغان ، يىنىك ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ بىر تەرپ قىلىنمىغان ، لېكىن جىنايىتىگە توۋا قىلمىغان ئونسۇرلار » « بۇ يىلدىن بېرى تىرورلۇق شايكىلىرى ۋە دىنى ئەسەبىي شايكىلاغا قاتناشقان ئونسۇرلار» قاتارلىق تۆت تۈرلۈك كىشىلەرگە قارىتىلغان .

23 - چىسلادىن باشلاپ ،شىجاڭ خوتەن ، قەشقەر ،ئاقسۇ قاتارلىق ئاساسلىق رايۇنلاردا ج خ ئورۇنلىرى كۈچنى يىغىپ «تۆت تۈرلۈك» كىشىلەرگە رەتلەش ،تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ، 25-ماي سەھەردە بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى . نۆۋەتتە ، ج خ ئورۇنلىرى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قېزىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا .

بۇ قېتىمقى تېرورلۇققا قاتنىشىپ تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرى ئاساسەن 80-يىلدى كىيىن ، 90-يىلىدىن كىيىنكىلەرنى ئاساسى گەۋدە قىلغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تور ۋە كۆپ ۋاستىلىك ساقلاش كارتىسى (دو مېي تى كا ) قاتارلىق تەشۋىقات بويۇملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ، 嚣دىنى ئەسەبىي ئىددىينى تارقاتقان ، «بومبا ياساش ئۇسۇلى»ۋە « بەدەن ئىقتىدارى مەشىىقى»نى ئۈگەنگەن، چ چ توپلىرى ، قىسقا ئۇچۇر ، ئۈندىدار ھەمدە قانۇنسىز دىن سۆزلىگەن نوقتىلار بىلەن پارتىلتىش تەجىربىسىنى ئالماشتۇرغان ، «غازات » ئىددىيسىنى تەشۋىق قىلىپ ، ھۇجۇم قىلىش نىشانلىرىنى مەخپى پىلانلىغان .

مەلۇم بولۇشىچە ، 5-ئايدىن بۇيان خوتەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ رايۇندىكى ج خ ئورگانلىرى مۇرەككەپ ۋە جىددى مۇقۇملۇقنى ساقلاش ۋەزىيتىگە قارىتا ، ھەرخىل قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ، 23 تىرورلۇق ۋە ئەسەبىي دىنى جىنايەت شايكىسىنى تارمار قىلغان ، 200دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان ، 200دىن ئارتۇق ھەرخىل پارتىلتىش ئەسۋابلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن .

شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا موھىم تىرورلۇق ۋە ئەسەبىي دىنى شايكىلار، قورال ياساش پارتىلتىش ئۇۋىللىرى ، تىرورلۇق مەشىق قىلىش ئۇۋىللىرنى ھەمدە رىئال زىيىنى بولغان تىرورلۇق ۋە دىنى ئەسەبىي ئونسۇرلار، تىرورلۇق قىلغان دىنى ئەسەبىي قانۇن سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئونسۇرلارنى چۆرىدەپ ، قاتتىق قول سېلىپ ، قەتئىي ھالدا تىرورلۇق قىلىپ ھەددىدىن ئاشقان ئونسۇرلارغا زەربە بېرىدۇ .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • 2013يىلى رايۇنىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالى

    2013-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدى...

  • شىنجاڭغا ئېغىر سوغۇق چۈشىدىكەن

    شىمالى شىنجاڭ تەرەپتە ئۈششۈك ئەھۋالى سەل ئېغىر بولدىكەن قۇمۇلدا قاتتىق بۇران چىقىدىغاننىڭ گىپى بار ھەم سۇغۇق بەكرەك بولدىكەنسۇغۇق چۈشدىغان ۋاقىت 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈندىن -24كۈنىگىچە بولدىكەن جەنۇبى شىنجاڭدا تىمپۇراتۇرا 5-8گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن

  • سوغۇق ھاۋا يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا بۆسۈپ كىرىدۇ

    ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 27-ئاپرېل كېچىدىن 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇنغىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ، ئۈرۈمچىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ، ئۈرۈمچ...

  • 100دىن ئارتۇق كارخانا شىنجاڭغا ياردەم بەرمەكچى

    27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ، كارخانىچىلار بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ) ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرى...

  • ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار: تېرورلۇق ھۇجۇمىغا سۈكۈتتە تۇرمايمىز!

    2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19:10، يۈرەكلىرىمىزدىن يەنە قان تامدى، ئۈچ كىشى مەڭگۈ كۆز يۇمدى، 79 كىشىنىڭ قەلبى جاراھەتكە تولدى ماي بايرىمى، ۋوگزال، باھار پەيزىنى سۈرمەك بولۇپ، باھار سەيلىسى ئۈچۈن بېلەت ئالماقچى ئىدىم كىشىگە زە...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有