ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار: تېرورلۇق ھۇجۇمىغا سۈكۈتتە تۇرمايمىز!

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-03 11:46:47

تېرورچىلار بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، گۇناھقا پاتتى، ئۆلسىمۇ قارغىشقا قالىدۇ

شۇم خەۋەر ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19:10، يۈرەكلىرىمىزدىن يەنە قان تامدى، ئۈچ كىشى مەڭگۈ كۆز يۇمدى، 79 كىشىنىڭ قەلبى جاراھەتكە تولدى. ماي بايرىمى، ۋوگزال، باھار پەيزىنى سۈرمەك بولۇپ، باھار سەيلىسى ئۈچۈن بېلەت ئالماقچى ئىدىم. كىشىگە زەخمەت يەتكۈزمىگەن بولساممۇ، ئۆزۈمنى جىنايەتكار ھېس قىلدىم؛ كىشىنى رەنجىتمىگەن بولساممۇ كىشىلەر مەندىن ئۈركۈپ قاچتى، قەلبىم ئازابقا تولدى.

قاتىل! نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسەن؟ مىللىتىمىزگە زادى نېمىلەر ئېلىپ كەلدىڭ؟ ھۆرمەت ۋە ھوقۇق دەپ جار سالىسەن، ئەمما سەن پارتلاتقان جايغا يىراق بولمىغان يەر، ئاللاھنىڭ ئۆيى---مەسچىت ئەمەسمىدى؟! ئۆزۈڭنى ئىسلامنىڭ ئىخلاسمەن مۇخلىسى سانايسەن، ئەمما مىللەت ئايرىماي، قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي زەھەر چېچىپ، قەبىھ قىلمىشلاردا بولىسەن، شۇ بىگۇناھلاردا نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى؟ دىندا ئۈندەلگەن ياخشىلىق ۋە ساۋاب قېنى؟ مىللەتنىڭ بەختى ئۈچۈن دەيسەن، قاراپ باق، گۇناھلىرىڭ سەۋەبلىك كىشىلەر بىزدىن ئۈركۈمەكتە، مىللەت تېرورچى ئاتالماقتا، سەن يۇرت-ماكانىمىزغا «تېرور» ماركىسىنى چاپلىدىڭ. سەن سەۋەبلىك چەتئەل ئايرودروملىرىدىمۇ بىزگە ئايرىم تەكشۈرۈش قىلىنماقتا، ھەتتا ئىچكىرىگە بارغان شىنجاڭلىقلار قونالغۇ تاپالماي تالادا قالماقتا.... جىنايەتچى ئۇنسۇرلار، مىللىتىمگە تۈگىمەس ئازاب ۋە ئاپەت ئېلىپ كەلدىڭ.

تېرورچى ئۇنسۇرلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىشىسەن؟ ئەشۇ ئەخمەق تېرورچىلارنىڭ ئېيتقاندەك بىر «كاپىر» نى ئۆلتۈرسە ئەۋلىيالىق مەقامىغا يېتىپ، جەننەتكە كىرەمدۇ؟ قۇرئان كەرىمدە «ئىككى دۇنيالىق بەخت» دېگەن گەپ بار، بۇ پانىي ئالەمدە بەخىت-سائادەت، باقىي ئالەمدە ئاسايىشلىق دېگەنلىك. «قۇتادغۇبىلىك» تە: «ياخشىلىق كۆرەي دېسەڭ، كۆپ سۆزگە ھاجەت يوق، ياخشىلىق قىل» دېگەن گەپ بار. ئەپسۇس، تېرورچىلار ئىنتايىن قەبىھ. ئەجەبا ھېچ تونۇشمايدىغان، ئۆچ-ئاداۋىتى يوق كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش، پىچاق-قىڭغىراقلار بىلەن بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولۇش، مېھىر-شەپقەت جۈملىسىدىنمۇ ؟

تېرورچىلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتنى قورقۇنچ تۇيغۇسىغا چۈمدۈرۈش. يېقىندىن بېرى يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرى ئاساسلىقى بازار، ئايروپىلان، پويىز، پىيادىلەر يولى ھەتتا ئائىلەردە كۆرۈلدى، ساقچى، كادىر، مەھەللە خىزمەتچىسى، مەدىكار، يىگىت-قىزلار، پىشقەدەملەر، ئۆسمۈرلەر، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار، مۇڭغۇللار، خۇيزۇلار ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلدى، تېرورچىلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە غالجىرلىشىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا قورقۇنچ ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىپ، ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش.

تېرورچىلار نېمىگە ئېرىشتى؟ ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بەدىلىگە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش، مۇۋەپپەقىيەتمۇ؟ تېرورچىلار ئۇنىڭ بەدىلىگە گۇناھقا پاتتى: ئىككى كۈندىن كېيىن تويى بولىدىغان ئۇيغۇر يىگىت بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى، بالىنى دادىغا زار قىلدى ، ئانىنى بالىنىڭ يولىغا تەلمۈرتكۈزدى....زوراۋان ئۇنسۇرلار شىنجاڭ خەلقىگە ئاۋارىچلىق ئېلىپ كەلدى، باشقا يەرلىكلەر شىنجاڭدىن قورقىدىغان، شىنجاڭلىقلارغا چۆچۈپ قارايدىغان بولدى، ئۇيغۇر نامى «زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق» نىڭ ئورنىغا دەسسەپ قالدى. شىنجاڭلىقلار ئىچكىرىدە ياتاق ئالالمايدىغان، ئايرودرومدا ئايرىم ئېغىزدىن ماڭىدىغان بولۇپ قالدى.... ئىچكىرلىكلەردىن رەنجىمەيمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن «ياخشىلىقلىرى». ھەتتا چەتئەللەردىمۇ، ئۇيغۇر پروفېسسور قايتا-قايتا تەكشۈرۈلدى، ئۇيغۇر مىللىتى-خەلقئارادىمۇ «چاتاقچى مىللەت» بولۇپ قالدى..... جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە قەرزلىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گەدىنىگە چۈشمەكتە. كۈنمىڭدا تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ياش، بىگۇناھ يارىلانغان ئاممىغا قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئەتراپىدىكىلەرگە ئىگىلىپ تۇرۇپ، زوراۋان ئۇنسۇرلار شىنجاڭلىقلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېدى، كۆزلىرىدىن ياش تاراملىغان ھالدا كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ شىنجاڭلىق بولغانلىقىنى «ئەپۇ قىلىشى» نى تىلىدى.

تېرورچىلار پانىي ۋە باقىي ئالەمدە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ھەر قېتىم تېرورلۇق ھۇجۇمى كۆرۈلگەندە، تېرورچىلار ھامان ئادالەت سورىقىغا دۇچ كەلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن« ئىتقادنىڭ ماھىيىتى ياخشى ئەمەل» . «ھەتتا يامان ئادەم بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى خارلىسا ۋە ھاقارەت قىلسا بولمايدۇ». ئىسلامدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش چەكلەنگەن، بىگۇناھلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى سانىلىدۇ. زوراۋان تېرورچىلارنىڭ باش تىققۇدەك يېرى قالمىدى، كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاندەك ئۇر-ئۇرغا قالدى.

زوراۋان تېرورچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە تېرورچى ئۇنسۇرلار تارىختا مەڭگۈلۈك شەرمەندىلەردۇر. قانۇن ۋە ئادالەت، جىنايەتكارلارنى ھېچقاچان بوش قويمىغان، قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت بىلەن ئېتىشقانلارنىڭ جايى جەھەننەم، تىنىچلىقنى سۆيىدىغان خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ھامان كۈكۈم-تالقان بولىدۇ. مىللىتىم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئىش تېرىماقچى بولغانلار، ئاگاھ بولۇش،ھوشۇڭنى بىلىپ يۈرۈش.

ئۇيغۇر قېرىنداشلار، كۆكرەك كېرىپ، قەبىھلىك ۋە ئاشقۇنلۇق بىلەن، ئاشقۇن ئىدىيەلەر بىلەن ئېلىشايلى! تېگى يوق ھاڭغا چۈشكۈلۈۋاتقان بالىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى، ئاشقۇن ئىدىيەلەر زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇققا ھامىلە، جانلارغا زامىن بولمىسۇن، «زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق» نامى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلمىسۇن، «زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق» شىنجاڭنىڭ ماركىسى بولۇپ قالمىسۇن!

ھەر مىللەت قېرىنداشلار، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىش تېرىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇپ، جەمئىيەتنى پارچىلاپ، دۆلەتنى پارچىلاش سۈيقەستىدىن ھۇشيار تۇرايلى، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، دۈشمەن سۈيقەستىنى بىتچىت قىلايلى، دۈشمەنلەرنىڭ دامىغا چۈشمەيلى.

دۈشمەنلەر ئىتتىپاقلىشىمىزدىن قورقىدۇ، چۈنكى ئىتتىپاقلىق---كۈچ! دۈشمەنلەر قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلسا، بىز شۇنچە ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك! بىز ئىتتىپاقلىشىشىمىز، ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك!

يەنە سۈكۈتتە تۇرساق بولمايدۇ، ئەمدى سۈكۈتتە تۇرمايمىز! بىزلەر، مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ، تېرورچىلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىمىز!

شىمالىي جۇڭگو سۇ ئىنشائات-سۇ ئېلېكتر ئۇنىۋېرسىتېتى ؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى؛ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى؛ بېيجىڭ خىمىيە-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ؛ بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ؛ شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى؛ شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ؛ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماگىستىر، باكلاۋىرلىرى يازغان.

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 05:31


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有