2013يىلى رايۇنىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالى

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-11 13:28:40

3-ئاينىڭ7-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى، پۈتۈن شىنجاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 874 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ %74گە تەڭ بولغان، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 7296 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ %82گە توغرا كەلگەن.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ئوبلاست شەھەر ئىچىدە، 7 ئوبلاست شەھەردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان. كىرىم سەۋىيىسى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر، قاراماي، ئۈرۈمچى، قۇمۇل ۋىلايىتى، ئايرىم ئايرىم ھالدا 25 مىڭ 249 يۈەن، 21 مىڭ 304 يۈەن، 20 مىڭ 865 يۈەنگە يەتكەن. پۈتۈن شىنجاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن قىممىتى ئارىسىدىكى پەرق 9795 يۈەن بولغان.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى 13 ئوبلاست شەھەر ئىچىدە( قاراماي، شىخەنزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، توققۇز ئوبلاست شەھەرنىڭ دېھقان ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان. ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى بولسا سانجى، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى، ئايرىم ئايرىم ھالدا 13 مىڭ 14 يۈەن، 11 مىڭ 496 يۈەن ۋە 11 مىڭ 239 يۈەن بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有